ستېنمېئېر قاتار ئايرودۇرۇمىدا يېرىم سائەت ساقلىتىلدى

گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېينمېيېرنىڭ تۆت كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى قاتاردا ئايروپىلاندا يېرىم سائەت ساقلىتىپ قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2071017
ستېنمېئېر قاتار ئايرودۇرۇمىدا يېرىم سائەت ساقلىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ستېينمېيېر تۈنۈگۈن ئايروپىلان بىلەن دوھا ئايرودۇرۇمىغا قونغان، ئەمما ئايرودۇرۇمدا ئۇنى كۈتۈۋالىدىغان قاتار ئەمەلدارى بولمىغاچقا، يېرىم سائەت ئەتراپىدا ساقلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆرۈنۈشلەردە، ستېينمېيېرنىڭ ئايروپىلاننىڭ چىقىش ئېغىزى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ستېينمېيېرنىڭ ساقلىتىلىشى قاتارنىڭ گېرمانىيەنىڭ غەززە سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىشى مۇمكىن، دېگەن ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

ستېينمېيېرنىڭ رەپىقىسى ئېلكې بۈندېنبېردېر ۋە باشقا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئايروپىلاندىن بۇرۇنلا چۈشۈپ كەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

قاتارنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى سۇلتان بىن سەئىد ئال مۇرەيخى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ستېينمېيېرنىڭ، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر