نېتانياھۇ ستېئىنمېئىر بىلەن كۆرۈشتى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ تېل ئاۋىۋدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر بىلەن كۆرۈشتى.

2069692
نېتانياھۇ ستېئىنمېئىر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مېدىيا ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نېتانياھۇ بىلەن ستېينمېيېرنىڭ ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، نېتانياھۇ ستېينمېيېرنىڭ زىيارىتى ۋە ئىسرائىلىيەگە كۆرسەتكەن دوستلۇقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يەنە، گېرمانىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنى «ئىزچىل» قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ستېينمېيېرغا رەھمەت ئېيتقان.

ستېينمېيېر تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن كۆرۈشۈپ، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنى «شەرتسىز» قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر