بۈگۈن ئىسىرائىلىيە-ھاماس كېلىشىمىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى
ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنى تۆت كۈن «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن توختىتىش» كېلىشىمى 24-نويابىر (2023) جۈمە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 7.00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇشنى تۆت كۈن «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن توختىتىش» كېلىشىمى بويىچە، ھاماسنىڭ قولىدىكى 50 ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە، ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 150 پەلەستىنلىك قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئىسىرائىلىيە-ھاماس كېلىشىمى نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە غەززەدىن 40 ئىسىرائىلىيەلىك ئايال ۋە بالا، ئىسىرائىلىيە تۈرمىلىرىدىن 117 پەلەستىنلىك ئايال ۋە بالا مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلدى.
ئىسىرائىلىيەدە7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇملاردا 310 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى قوشقاندا، جەمئىي 1200 ئىسىرائىلىيەلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 5 مىڭ 132 كىشى يارىلاندى.
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدكى ئېتىشىشلاردا 70 ئەسكەر، لىۋان چېگراسىدا ئالتە ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7 - ئۆكتەبىردە باشلىغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن، غەززە رايونىدا 6 مىڭ 150 دىن ئارتۇق كىچىك بالا ۋە 4000 دىن ئارتۇق ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 14 مىڭ 854 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستا 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 239 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتايدىكى قۇيۇن ئاپىتىدە 5 خىتاي ئۆلۈپ، 33 ى يارىلاندى
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن 5 خىتاي ئۆلۈپ، 33 ى يارىلاندى.