ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاققا قىلغان ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىكلەر ئۆلتۈرۈلدى

ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قاراشلىق جەنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بىر ئۆينى بومباردىمان قىلدى ۋە بەش پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

2068806
ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاققا قىلغان ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىكلەر ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ جەنىن شەھىرىگە بېسىپ كىرىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. جەنىن دۆلەت دوختۇرخانىسى، ئىبن سىنا دوختۇرخانىسى، پەلەستىن قىزىل ئاي مەركىزى ۋە جەنىن پانانھلانغۇچىلار لاگېرىنىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ جەنىندە بىر ئۆيگە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە تۆت كىشىنى يارىدار قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ جەنىندىكى ھۇجۇمىدا بەش پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، راماللاھتا بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ۋە قوراللىق يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا 237 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر