ئىسرائىلىيە شىفا دوختۇرخانىسىدىن بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ قاچتى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىدىن بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ قاچتى.

2068841
ئىسرائىلىيە شىفا دوختۇرخانىسىدىن بىر قىسىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ئېلىپ قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە رايونىدىكى شىفا دوختۇرخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دوختۇر مۇتەز ھارارا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە  مەلۇمات بەردى.

مۇتەز ھارارا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بېسىپ كىرىش جەريانىدا سەھىيە خادىملىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ،  «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بەزى بىمارلارنى تۇتۇپ كەتتى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭمۇ بىر قىسىمىنى ئېلىپ قاچتى» دېدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىدا توك لىنىيەسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكىنى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە قەستەن زىيان سېلىپ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلغان ھارارا، ئەسكەرلەرنىڭ دوختۇرخانىدىن چېكىنىشتىن ئىلگىرى گېنېراتور ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى جايلاشقان بۆلۈملەرنى پارتىلاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دوختۇرخانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دوختۇرلارنىڭ بىرسى بولغان مۇستاپا سەكىك، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى جەريانىدا دوختۇرخانىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز جايىدىن قىمىرلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىمىغانلىقلىرىنى، ھەتتا بۇ مەزگىل بويىچە دوختۇرخانىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاچ قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 15 – نويابىر ئەتىگەندە مىڭلىغان بىمار ۋە ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان غەززە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سەھىيە  ئورنى بولغان شىفا دوختۇرخانىسىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

بېسىپ كىرىشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بىنادا ھامامسقا تەۋە تونېل ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتىنى كۆرسىتەلمەي، ئۇنىڭ ئورنىدا داتلىشىپ كەتكەن قورال ۋە بىر قانچە كامېرانى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە مېدىيالارغا سۇنىشى ئېغىر تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى شىفا دوختۇرخانىسىدىكى كىشىلەردىن ماشىنىسىز ھالدا دوختۇرخانىنى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما بەزى يارىدارلار ۋە بىمارلارنىڭ پىيادە مېڭىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشى مۇمكىن بولمىغاچقا، بىر قىسىم دوختۇرلار بىلەن  سەھىيە خادىملىرى دوختۇرخانىدا قالغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سەھىيە مەركىزى بولغان شىفا دوختۇرخانىسىنى ئىشغال قىلىپ 10 كۈندىن كېيىن، تۈنۈگۈن (25 – نويابىردا) دوختۇرخانىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىپ دوختۇرخانىدىن چېكىنگەن ئىدى. دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گېنېراتور، رېنتىگېن ماشىنىسى ۋە ئوكسىگېن پومپىسى قاتارلىق بۆلۈملىرىنى  پارتىلاتقان ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىپ تۇرۇش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۈشتىن ئىلگىرى شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ بەزى بۆلەكلىرى ۋە بىنالىرىنىمۇ بومبا بىلەن پارتلاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر