ئىسرائىلىيە قويۇپ بېرىلىدىغان ئىككىنچى تۈركۈم ئەسىرلەر تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

ئىسرائىلىيە بۈگۈن غەززە تەرەپ قويۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان ئىككىنچى تۈركۈم ئەسىرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

2068715
ئىسرائىلىيە قويۇپ بېرىلىدىغان ئىككىنچى تۈركۈم ئەسىرلەر تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋزىيەسى — كان، غەززە تەرەپ بۈگۈن قويۇپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان ئىككىنچى تۈركۈم ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ تىزىملىكىنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىپ تاپقان 13 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بۈگۈن قويۇپ بېرىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، ئىككىنچى تۈركۈم قويۇپ بېرىلىدىغانلار ئىچىدە بالىلار سانىنىڭ كۆپرەك بولۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان «ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، توقۇنۇشلارنى تۆت كۈن بويىچە توختىتىش كېلىشىمى» 24 – نويابىر جۈمە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 07:00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

تۈنۈگۈن كەچتە ھاماس 13 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى، ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتىكى ئىسرائىلىيە تۈرمىسى ئوفېردىكى  24 ئايال، 15 كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 39 پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بەرگەنىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، ھاماسنىڭ قولىدىكى 50 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 150 پەلەستىنلىك قويۇپ بېرىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپتىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئەسىرلەر ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر