كاراچىدىكى بىر سودا سارىيىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 11 ئادەم قازا قىلغانلىقى، 22 ئادەم يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2068775
كاراچىدىكى بىر سودا سارىيىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كاراچىنىڭ راشىد مىنخاس كوچىسىدىكى ئالتە قەۋەتلىك بىر سودا سارىيىدا نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتىدە 11 ئادەم قازا قىلغان، 22 ئادەم يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلار سودا سارىيىدا قاپسىلىپ قالغان 50 ئادەمنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر