ئىسىرائىلىيە غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر مەكتەپنى قىلغان بومباردىمانىدا، 27 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 93 كىشى يارىلاندى.

2068325
ئىسىرائىلىيە غەززەنىڭ شىمالىدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيا مۇساپىرلار لاگېرىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان يۈزلەرچە پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان ب د ت مەكتىپىنى بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا 27 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 93 كىشى يارىلانغان.

بومباردىمان قىلىنغان مەكتەپنىڭ ب د ت نىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلىش ئورگىنىغا قاراشلىق ئەبۇ ھۈسەيىن مەكتىپى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىدىكى تۇرالغۇ رايونلىرىنى قىلغان بومباردىمانلىرىدا، ئەڭ ئاز دېگەندە 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى شىمالدىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك بومباردىمانىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يارىلانغان 200 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋافا ئاگېنتلىقى ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شىددەتلىك بومباردىماندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېسىپ كىرىپ، يارىلانغان بىر ئايالنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ كىشىنى يارىلاندۇرۇپ، ئۈچ كىشىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر