ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئەردوغاننى ماختىدى

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ماكىسىملىيان كراخ دۆلىتىمىز تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ماختىدى.

2067817
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئەردوغاننى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى كىملىك ​​ۋە دېموكراتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ماكىسىملىيان كراخ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت باشلىقىدۇر. تۈركىيە خەلقى  ئۇنى كۆپ قېتىم  جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلىدى. ئۇ جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغداۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى ياخشى رەھبەر. شۇ ۋەجىدىن، گېرمانىيە سىياسىيونلىرى ئەردوغاننى ياقتۇرمايدۇ. ھالبۇكى، گېرمانىيە سىياسىيونلىرىنىڭمۇ خۇددىي ئەردوغانغا ئوخشاش گېرمانىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغدىشى كېرەك ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەردوغان بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسىمۇ قالمىغان بولاتتى.»

گېرمانىيەدە ھەم گېرمانىيە خەلقىنىڭ ھەمدە تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن دىپلوماتىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن كراخ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

 «بىز گېرمانىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئاجىز گېرمانىيە سىياسىيونلىرىغا موھتاج ئەمەسمىز.»

كراخ گېرمانىيەدىكى تۈرك سىياسىيونلارنى رەت قىلىدىغان خاھىشنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:

«چۈنكى تۈرك سىياسىيونلارنىڭ خىزمەت قىلىش ئىستىلى ناھايىتى ياخشى. يەنى ئۇلار تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. دەرۋەقە، گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە دوستتۇر، شېرىكتۇر، ئىتتىپاقداشتۇر. بۇ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى. گېرمانىيەدىكى گېرمانىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسىيونلار ۋە تۈركىيەدىكى تۈركىيە خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بۇ ئاڭنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر