ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 14532 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالتە مىڭدىن كۆپرەكى بالىلار، تۆت مىڭى ئاياللار بولۇپ جەمئىي 14532 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
![ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 14532 گە يەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1370/8114/95f1/655eef9ed82d2.jpg?time=1719193051)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ۋە ھاماس بىلەن ھاسىل قىلىنغان «(ۋاقىتلىق) ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشۇرۇش» كېلىشىمى بۈگۈن كۈچكە ئىگە بولىدىغان غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى ئالتە مىڭدىن كۆپرەكى بالىلار، تۆت مىڭى ئاياللار بولۇپ جەمئىي 14532 گە يەتتى.
غەززەدىكى مېدىيا ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھۇجۇم باشلىغان يېقىنقى 47 كۈندە 205 سەھىيە خادىمى، 25 خەلق مۇداپىئەسى خادىمى ۋە 64 مۇخبىرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا، يارىلانغانلار سانىنىڭ 35 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ %75 تىن كۆپرەكىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى جەريانىدا 102 ئاممىۋى بىنانىڭ ۋەيران بولغانلىقى، 266 مەكتەپنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، ئۇلارنىڭ 67 سىنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 85 جامەنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى، 174 جامە بىلەن ئۈچ چېركاۋنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719193052)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.