جەنۇبىي ئافرىقا ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى قارار قىلدى

جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى توختىتىپ، پىرېتورىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋېتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.

2067468
جەنۇبىي ئافرىقا ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى توختىتىپ، پىرېتورىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋېتىش تەكلىپىنى  ئاۋازغا قويدى؛ تەكلىپكە 248 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ، 91 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى.

تەكلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پىرېتورىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىۋېتىشنى مەزمۇن قىلاتتى.

جەنۇبىي ئافرىقادىكى ئۆكتىچى ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىلىرى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان تەكلىپنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئافرىقا مىللىي قۇرۇلتىيىمۇ قوللىدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، مەزكۇر تەكلىپ جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، جەنۇبىي ئافرىقا ئەمەلدارلىرىنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملار توغرىسىدكى باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پىرېتورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئېلىئاۋ بېلوتسېركوۋىسكىينى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن تېل ئاۋىۋغا چاقىرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى كىرىل رامافوسا تۈنۈگۈن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي) رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق - ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىندىكى توقۇنۇشلارغا ئادىل ۋە ئەستايىدىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن، جىددىي ۋە كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر