ياپونىيە بىلەن كانادامۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، يېمەك-ئىچمەك، سۇ، تىببىي مالزىمىلەر ۋە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى چاقىرىق قىلدى.

2066886
ياپونىيە بىلەن كانادامۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامىكاۋا يوكو توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا غەززەگە مۇناسىۋەتلىك قىلىنغان چاقىرىقلارنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، يېمەك-ئىچمەك، سۇ، تىببىي مالزىمىلەر ۋە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەكىتلەپ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىش كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىدى.

ئۇ ياپونىيەنىڭ G7 دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە رايوندا ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كانادا ھۆكۈمىتىمۇ ئىسىرائىلىيەنى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەجبۇرىي يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«كانادا ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنى توختىتىشقا، پەلەستىن خەلقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىدۇ.»

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئورېگون ئىشتاتىدىن سايلانغان دېموكراتچى ئەزاسى جېف مېركلېيمۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلىپ: «غەززەدە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى كىشىنى چۆچۈتىدىغان سەۋىيەدە ئېشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئورېگون خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئامېرىكا خەلقى قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈردى. مەنمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن ۋە بۇ سەۋەبتىن تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، 13 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر