ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىيېۋدا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد جەمىس ئاستىن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا يېتىپ باردى.
2066548

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاستىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، كىيېۋ پويىز ئىستانسىسىدا تارتىلغان سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى.
ئاستىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كىيېۋغا بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«مەن بۈگۈن بۇ يەرگە مۇھىم سىگنال بېرىش ئۈچۈن كەلدىم: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە داۋاملىق ئۇكرائىنانى قوللايدۇ.»
رۇسىيە ئارمىيەسى 2022 - يىلى 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.