ئىران ۋە ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن ۋېنگرىيەلىك مەنسەپدىشى پېتېر سىزىجارتو ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

2064279
ئىران ۋە ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئابدۇللاھىيان بىلەن ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە تاشقى سودا مىنىستىرى سىزىجارتونىڭ تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھۇجۇملار سەۋەبىدىن غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇللاھىيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى كىشىلەرنى بومباردىمان قىلىش ۋە كوللېكتىپ ھالەتتە ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، دەرھال ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە غەززە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش پۇرسىتىنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئابدۇللاھىيان ئىران بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزئارا كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىزىجارتومۇ ئىران بىلەن ۋېنگرىيە مۇناسىۋىتىنى ھەر جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئىلھاملاندۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، دۆلىتىنىڭ پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر