ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە 2 ئۆينى چېقىۋەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەتىگەن تەرەپلەردە  ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەلخەلىل شەھىرىگە قاراشلىق دۇرا رايونىغا كۆپ ساندا ئەسكەرلەر بېسىپ كىرىپ، بىر قىسىم ئۆيلەرنى قورشاۋ ئاستىغا ئالدى.

2062925
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە 2 ئۆينى چېقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىن بىر تېخنىكا گۇرۇپپىسىمۇ مۇھەممەد ئەششەنتىر ۋە ساقىر ئەششەنتىر ئىسىملىك پەلەستىنلىك ئىككى تۇتقۇننىڭ  دۇرا شەھىرىدىكى ئۆيلىرىگە يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان پارتىلاتقۇچ دورا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.

يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان پارتلاتقۇچ دورىنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە، ئوخشاش بىنانىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ھەقىقىي ۋە كاۋچۇك ئوقلار، شۇنداقلا گاز بومبىلىرىنى ئىشلەتتتى، پەلەستىن ياشلىرى بولسا ئۇلارغا تاش ئاتتى.

مۇھەممەد ئەششەنتىر بىلەن ساقىر ئەششەنتىر، ئىسرائىلىيەلىك بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈش ۋە يەنە بىرىنى يارىلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2023-يىلى 8-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىكلەرنى ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىگە تاشلاش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىش بىلەن جازالاندۇرماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر