ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سۈرىيەنىڭ دېيرىزور ۋە ھاسەكە ۋىلايەتلىرىگە جايلاشقان ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

2061916
ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دېيرىزوردىكى كونىكو گاز مەشغۇلات رايونىغا ۋە ھاسەكەگە قاراشلىق مالىكىييە ناھىيەسىدىكى ھەربىي بازىلىرى، راكېتالار ۋە قەيەردىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئۇچقۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ھۇجۇمدا، ھەربىي بازا ۋە ئەتراپىغا راكېتا ئوقلىرى چۈشكەن، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن.

سۈرىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە ھۇمۇستىكى تەنەف رايونى، ھاسەكە ۋىلايىتىگە قاراشلىق مالىكىييە، شەددادى ناھىيەلىرى ۋە دېيرىزورغا جايلاشقان ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى، تەۋەلىكى ئېنىق بولمىغان ئۇچقۇلار ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېتىلىدىغان قوراللار بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا.

فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دېيرىزور زېمىنلىرى ئامېرىكانىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك نىڭ ئىشغالىدا، ۋىلايەت مەركىزى ۋە باشقا يېزىلار بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بار.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى پات-پات راكېتا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر