كامالا ھاررىس ھەم زەيىد ئەل نەھيان بىلەم ھەم سالمان بىن ھەمەد ئەل خەلىفە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھاررىس ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان ۋە بەھرەيىن ۋەلىئەھدى شاھزادە سالمان بىن ھەمەد ئەل خەلىفە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2061315
كامالا ھاررىس ھەم زەيىد ئەل نەھيان بىلەم ھەم سالمان بىن ھەمەد ئەل خەلىفە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھاررىس ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەل نەھيان ۋە بەھرەين ۋەلىئەھدى شاھزادە ئەل خەلىفە بىلەن غەززە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئايرىم ئايرىم تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن.

ھاررىس ئىككى رەھبەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ، «پۇقرالارنى قوغداش» ۋە «خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا «ھۆرمەت قىلىش» نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، غەززەدىكى جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

كامالا ھاررىس ھەر ئىككى سۆھبەتتە، «پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ «بىخەتەرلىكتىكى باراۋەرلىك، گۈللىنىش ۋە ئەركىنلىككە» تەڭ ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

كامالا ھاررىس ئامېرىكانىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقىنىڭ «خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكى» گە شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ھاررىس ئەل نەھيان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە يەنە «رايوندىكى دۆلەت بولغان ياكى ۋە دۆلەت بولمىغان ئاكتىيورلارنىڭ تەھدىتىنى توسۇش» مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر