ھوندۇراس بىلەن گىۋاتېمالادا 68 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

ھوندۇراستا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە تۆت ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

2061400
ھوندۇراس بىلەن گىۋاتېمالادا 68 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ھوندۇراس ۋە گىۋاتېمالادا 68 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ياغقان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

ھوندۇراس دۆلەتلىك جددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، يەتتە رايوندا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغانلىقىنى، شىددەتلىك يامغۇرنىڭ داۋاملىق ياغىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھوندۇراستا ھازىرغىچە كەلكۈن ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە تۆت ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 42 مىڭدىن ئارتۇق

ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

گىۋاتېمالادا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن دەريالاردا سۇ تېشىپ كەتتى. ئونلارچە ئۆي سۇ ئاستىدا قالدى.

گىۋاتېمالا تەبىئىي ئاپەتنى ئازايتىش كوردىناتسىيە ئىدارىسى 26 مىڭ ئادەمنىڭ يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، بەزى جايلاردا كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گىۋاتېمالادا مۇشۇ يىل (2023) نىڭ بېشىدىن تارتىپ شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىدە 58 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر