ئامېرىكانىڭ بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ باردى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

2060775
ئامېرىكانىڭ بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ئېكس (X) تا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ: «5-نويابىر (2023) ئوخايو تىپىدىكى بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇلىيەت ساھەسىگە يېتىپ باردى» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر