پاپا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىش چاقىرقى ئېلان قىلدى

كاتولىكلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى ۋە ۋاتىكان پىرېزىدېنتى پاپا فىرانجىسكۇس ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىغا قارىتا ئۇرۇش توختىتىش چاقىرقىنى تەكرارلىدى.

2060623
پاپا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش توختىتىش چاقىرقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ۋاتىكاندىكى ساينت پېتېر مەيدانىغا قارايدىغان ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن ئەنئەنىۋى يەكشەنبە دۇئاسىنى ئوقۇغان ۋاتىكان پىرېزىدېنتى پاپا، دۇئادىن كېيىن ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ئۈستىدە توختالدى.

پاپا سۆزىدە: «پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدە نۇرغۇن كىشىلەر قازا قىلغان بۇ ئېغىر ئەھۋالنى ئويلاۋاتىمەن. ئۆتۈنۈپ قالاي توختاڭلار! رەببىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇرۇشنى توختىتىڭلار!» دېدى.

پاپا فىرانجىسكۇس ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى سىناپ بېقىشنى  ئۈمىد قىلىمەن، يارىلانغانلارغا ياردەم قىلىنىشىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بولغان غەززەدىكى كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۇ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش چاقىرىقىنىمۇ  قايتا تەكىتلەپ: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن كىچىك بالىلار بار، ئۇلار ئائىلىسىگە قايتىشى كېرەك. شۇنداق، كىچىك بالىلارنى ئويلايمىز، بىز بۇ ئۇرۇشتىكى بارلىق كىچىك بالىلارنى شۇنداقلا ئۇكرائىنادىكى بارلىق كىچىك بالىلارنى، باشقا توقۇنۇشلار ئىچىىدىكى كىچىك بالىلارنىمۇ ئويلايمىز. بۇ شەكىلدە ئۇلارنىڭ كېلەچىكى تۈگەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ <يېتەر!> دېگۈدەك كۈچىمىزنىڭ بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتىمىز» دېدى.

پاپا 29-ئۆكتەبىر (2023) دىمۇ يەكشەنبە دۇئاسىدا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش چاقىرقىدا بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر