خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

2060203
خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس غەززەدىكى مىڭلارچە بىمار ۋە پۇقرالار تۇرۇۋاتقان شىفا دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا بىمارلارنى تارقاقلاشتۇرۇۋاتقان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن شۈركەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېبرېيۇس ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بىمارلار، ساقلىق ساقلاش خادىملىرى، ئەسلىھەلەر ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنى ھەر ۋاقىت قوغداش كېرەكلىكىنى قايتا تەكىتلىدى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى رەئىسى فىرانسىسكو روككا بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ كۆرۈنۈشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. پۇقرالار، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى، دوختۇرلار ۋە دوختۇرخانىلار ھەر ۋاقىت قوغدىلىشى كېرەك» دېدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىغا «ۋەھشىيلەرچە سادىر قىلىنغان جىنايەت» دەپ باھا بەردى.

بۇ ھۇجۇمنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، «جازاسىز قالماسلىقى زۆرۈر بولغان ھەم ئۇرۇش جىنايىتى، ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، توك توختاپ كېتىش، دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى تۈگەپ كېتىش   ئەھۋاللىرىدىن باشقا، دوختۇرخانىلارغا بىۋاسىتە قىلىنغان بۇ خىل ھۇجۇملار نەتىجىسىدە، سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.

غەززە دوختۇرخانىلىرىدىكى مۇلازىمەت توختاپ كەتكەن تەقدىردە، ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتتىن ۋەقەگە ئارىلىشىپ، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ قوغدىلىشى تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، غەززەگە تېزدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە داۋالاش ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر