ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى: غەززەنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش كېرەك

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان ھۇجۇملىرى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

2059353
ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى: غەززەنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھەم غەززەگە قاراتقان ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ھەمدە غەلىتە باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، سەتچىلىكتە قالماقتا.

مانا مۇشۇنداق باياناتلاردىن بىرىنى، يېقىندا لىكۇد پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گالىت دىستېل ئاتباريان ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە بولغان كۆز قارىشىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىغان ئاتباريان، غەززەدە «ئېتنىك تازىلاش» ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ۋە «غەززەنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش كېرەك» لىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاتباريان باياناتىدا، غەززەلىكلەرنى «ئالۋاستى» دەپ ئاتىدى.

ئۇ قورقۇنچلۇق باياناتىدا: «غەززەلىك ئالۋاستىلار يا جەنۇبتىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا كېتىش، يا مىسىر زېمىنىغا كېتىشكە تىرىشىشى كېرەك، بولمىسا ئۆلىدۇ» دەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق چاقىرىقىدا بولدى.

ئاتبارياننىڭكىگە ئوخشايدىغان «سەتچىلىك» ماھىيىتىدىكى بىر بايانات ۋاشىنگىتوندىن كەلدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى برىئان ماست ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، پەلەستىن پۇقرالىرىنى ناتسىستلارغا ئوخشاتتى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىن سايلانغان پالاتا ئەزاسى برىئان ماست، بىگۇناھ پەلەستىن پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالدىنقى ھەپتە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇمۇ غەززەلىكلەرنى تەۋراتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ئامالىقەلەرگە ئوخشىتىپ، غەززەلىكلەرنىڭ ئامالىقەلەرگە ئوخشاشلا پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئۇ غەززەگە قارىتىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن، دىنىي دەلىللەرگە تايىنىپ، پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرىگە ئېھسان قىلىنغانلىقىنى شېپى كەلتۈرگەنىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە مەسجىدى ئەقسانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلارنى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشى» غا جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە،  ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 9 مىڭغا يېقىن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 22 مىڭ ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر