رۇسىيە كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقىنى چەكلەش شەرتنامىسى (CTBT) نى بېكار قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقىنى چەكلەش شەرتنامىسى (CTBT) غا  رۇسىيەنىڭ قويغان ئىمزاسىنى بىكار قىلدى.

2059483
رۇسىيە كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقىنى چەكلەش شەرتنامىسى (CTBT) نى بېكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقىنى چەكلەش شەرتنامىسى (CTBT) غا قويغان ئىمزاسىنى بىكار  قىلىش قارارنامىسىنى تەستىقلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى كرېمىلىننىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ 20-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ بۇ شەرتنامىنى ئەزەلدىن تەستىقلىمىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ تەستىقىنى قايتۇرۇۋىلىشى بىلەن ۋەزىيەتنىڭ تەڭپۇڭلاشقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

يادرو قوراللىرى سىنىقىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان <كەڭ كۆلەملىك يادرو سىنىقىنى چەكلەش شەرتنامىسى(CTBT)   1996-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئىمزالانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر