كىچىك بالىلارنى بومباردىمان قىلىش ئۆزىنى قوغداش ئەمەس

گورازدې شەھىرىدە، «كىچىك بالىلارنى بومباردىمان قىلىش ئۆزىنى قوغداش ئەمەس» نامى ئاستىدا، پەلەستىنلىكلەرنى قوللاش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

2059404
كىچىك بالىلارنى بومباردىمان قىلىش ئۆزىنى قوغداش ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2023-يىلى 1-نويابىر) بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ گورازدې شەھىرىگە جايلاشقان ئەلىيا ئىززەتبېگوۋىچ كۆۋرۈكىدە پەلەستىن خەلقىنى قوللاش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار ئۇرۇشنىڭ ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ دەرھال توختىتىلىشنى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرىكى جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىلىشنى تەشكىللىگۈچى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پارلامېنتى ئەزاسى دېزبرايىل باجراموۋىچ: «پەلەستىن خەلقى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان شۇنداقلا تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەر دۇچ كەلگەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار تەسادىپىيلىق ئەمەس. 75 يىلدىن بۇيان غەززە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى» دېدى.

پەلەستىننىڭ باش ئەلچىسى رەزاق نامورامۇ پەلەستىن خەلقىگە ۋاكالىتەن يىغىلىشقا قاتناشقانلارغا سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا خەلقىنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا پۇقرالىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قوللىغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ھەمدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىلىشغا قاتنقانلارنىڭ قوللىرىدىكى «كىچك بالىلارنى بومباردىمان قىلىش ئۆزىنى قوغداش ئەمەس» ، «بىر كىچىك بالىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ باھانىسى بولمايدۇ»، «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر!»، «پەلەستىن چوقۇم ئەركىنكە ئېرىشىدۇ» دەپ شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلاردىكى ئۇچۇرلار ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيەمۇ  ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا 3648 كىچىك بالا ۋە 2290 ئايالنى قوشقاندا جەمئىي 8796 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 22 مىڭ 219 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر