ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۈك ئاپتوموبىللىرى غەززەگە يېتىپ باردى

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان يەنە 59 يۈك ئاپتوموبىلى ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ۋە قورشاۋى ئاستىدىكى غەززە رايونىغا يېتىپ باردى.

2058827
ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۈك ئاپتوموبىللىرى غەززەگە  يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەترەتلىرى تۈنۈگۈن «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» دىن كىرگەن، يېمەكلىك، سۇ، ياردەم ماتېرىياللىرى، دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى قاچىلانغان 59 يۈك ئاپتوموبىلىنى مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتىدىن تاپشۇرۇۋالغان.

يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن 4 ى خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە ئەۋەتىلگەن،  55 ى مىسىر قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى باشلانغان 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا ياردەمگە كەلگەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ سانى 217 گە يەتكەن، ئەمما ھازىرغا قەدەر يېقىلغۇ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر