نېتانياھۇ غەززەدە توققۇز ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ قىيىن ئۇرۇشتا ئىكەنلىكلىرىنى ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2058948
نېتانياھۇ غەززەدە توققۇز ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىىنىستىرى نېتانياھۇ قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىدا يەنە توققۇز نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سىنلىق بايانات ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى غەززەدە ئىنتايىن مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى، بىراق ئازابلىق زىيان تارتىشلارنىڭمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

نېتانياھۇ غەززەدىكى ئۇرۇشنى «غەلىبە قازانغۇچە» داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بىز قىين  ئۇرۇشتا، بۇ ئۇزۇن سوزۇلغان ئۇرۇش بولىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گالانت بولسا،  قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشتا توققۇز ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «قىيىن ۋە ئازابلىق زەربە» دەپ باھا بەردى. ئەمما، قاتتىق ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بىر مۇساپىگە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غەززە رايونىدا توققۇز ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيەمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر