ب د ت: غەززەدىكى دوختۇرخانىلار قوغدىلىشى كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس (غەززە رايونىدىكى) دوختۇرخانىلارنىڭ چوقۇم قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى، توقۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2058425
ب د ت: غەززەدىكى دوختۇرخانىلار قوغدىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ توقۇنۇش رايونى (غەززە) دىكى دوختۇرخانىلارنى بىمارلارغا زىيان يەتكۈزمەي تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېسمۇ بۇ قاراشلارغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«باش كاتىپ دوختۇرخانىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىغا قارشى. دوختۇرخانىلار قوغدىلىشى كېرەك» دېگەن دۇجاررىك، دوختۇرخانىلارنى توقۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، دوختۇرخانىلاردىكى كىشىلەرنىڭ چوقۇم قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ب د ت نىڭ غەززەدە ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يۆنىلىشتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافا، غەززەنىڭ شىمالىدىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسى، پەلەستىن قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قۇددۇس دوختۇرخانىسى، غەززە ياۋروپا دوختۇرخانىسى ۋە تۈركىيە- پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىسرائىلىيە بومباردىمانلىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر