شويگۇ غەرب ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2057783
شويگۇ غەرب ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا شياڭشەن ھەربىي مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، غەرب ئەللىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رايوندىكى ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكتە، دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە.»

شويگۇ غەربنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قوراللىنىش مەسىلىسىدە بەسلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنى توسۇش ئۈچۈن، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئۇچۇر ھەمكارلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر شويگۇ ۋاشىنگىتوننىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىلىرىنى باھانە قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر