داغىستان خەلقى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانىنىڭ ئايرودۇرۇمغا قونغانلىقىغا نازازىلىق بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ داغىستان ئاپتونوم رايونىدا ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن بىر ئايروپىلان سەۋەبىدىن نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 20 كىشى يارىلاندى.
![داغىستان خەلقى ئىسرائىلىيە ئايروپىلانىنىڭ ئايرودۇرۇمغا قونغانلىقىغا نازازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/3423/163f/c4f9/5a8a43e0ad9e2.jpg?time=1719217293)
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ماخاچكالا ئايرودۇرۇمىغا ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن بىر ئايروپىلاننىڭ قونغانلىقىنى ئاڭلانغان داغىستان خەلقى ئايرودۇرۇمغا بېسىپ كىردى.
قوللىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەلىك يولۇچىلارنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقىنى ۋە ئايروپىلاننى دەرھال تېل ئاۋىۋغا قايتۇرۇۋىتىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ساقچىلار ئايرودۇرۇمدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، بۇ ئەسنادا نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
ۋەقەدە كەم دېگەندە 20 كىشى يارىلىنىپ، 60 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئايرودۇرۇمنىڭ 6-نويابىر (2023) غىچە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئۈچۈن ۋاقتىنچە تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719217293)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.