سېربىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىمىز

سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇچىچ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سىياسىي دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2056167
سېربىيە پىرېزىدېنتى: تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىمىز
sirbistan vucic.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇچىچ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. بۇ زىيارەت، تۈركىيە بىلەن سېربىيەنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئويناۋاتقان مۇھىم رولىغا زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. بېلگرادنىڭ پرىشتىنە بىلەن دىيالوگ مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي. مەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرگە، نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ كوسوۋۇنىڭ شىمالىدىكى سېربلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم. شۇنداقلا ئۆزئارا كېلىشىملەرنى تېخىمۇ كۆپ كېچىكتۈرمەي ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدىم.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر سېربىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، سېربىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىلوس ۋۇچېۋىچ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر