رۇسىيە يادرو ھۇجۇمى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

رۇسىيە قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

2056415
رۇسىيە يادرو ھۇجۇمى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە يېقىندىن كۆزەتكەن مانېۋىردا رۇسىيە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ يادرو يالتايتقۇچى (توسقۇچى) قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مانېۋىر جەريانىدا باللىستىك ۋە باشقا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بومبىلارنى قويۇپ بېرىش جەريانىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئەسى كونترول مەركىزى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مانېۋىردا «يارس» قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك ۋە سىنېۋا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان مانېۋىر كۆرۈنۈشلىرىدە، پۇتىنغا دوكلات بېرىۋاتقان رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ: «مانېۋىر دۈشمەننىڭ يادرو ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، چوڭ يادرو ھۇجۇمى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر