بايدىن: تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا ئاندىن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھاماسنىڭ قولىدىكى بارلىق تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئىسرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2055024
بايدىن: تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا ئاندىن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بايدىن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ: «ئامېرىكا تۇتقۇن كېلىشىمى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى قوللامدۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا: « ئالدى بىلەن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك، ئاندىن بىز تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش توغرىلىق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىمىز مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ جەرياندا، ئاقساراي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارنى ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتىدىغانلىقى، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ھەرىكەت مەسلىھەتچىلىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ: «گېنېرال لېيتېنانت جېيمىس گلىن ۋە باشقا بەزى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ مەسلىھەتچى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز شۇنى ئوچۇق ئېيتالايمىزكى، بىز ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتىدىغان ھەربىي ئەمەلدارلار ئىسرائىلىيە نۆۋەتتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، كەلگۈسىدىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىسرائىلىيەگە مەسلىھەتچىلىك قىلىشقا  مۇناسىپ مول تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ، تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر