نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى دوختۇرخانا قىرغىنچىلىقىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى

ئامېرىكانىڭ «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانا قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارى ئىسرائىلىيەنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇش تىرىشچانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

2053063
نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى دوختۇرخانا قىرغىنچىلىقىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى مىنۇتلىرىدا «ئىسرائىلىيەنىڭ دوختۇرخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا يۈزلىگەن ئادەم قازا قىلدى» دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر تارقاتقان «نيۇ يورك ۋاقتىي گېزىتى» نىڭ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىنى ۋەقەنىڭ جاۋابكارى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىسمىنى چىقىرىۋېتىپ، «غەززەدىكى دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 500 ئادەم ئۆلدى» دەپ ئۆزگەرتىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئەمما، گېزىتنىڭ خەۋەرگە بۇنچىلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى كۇپايە قىلمىدى. خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىغا قايتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن گېزىت، بۇ قېتىم «ھۇجۇم» سۆزىنىڭ ئورنىغا «پارتلاش» ئىبارىسىنى ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، خەۋەرنىڭ ماۋزوسى «غەززەدىكى دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا كەم دېگەندە 500 ئادەم قازا قىلدى» غا ئۆزگەرگەن بولدى.

خەۋەرنىڭ تېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى بۇ ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان قىرغىنچىلىق كېلىپ چىقىشى نامەلۇم بىر پارتلاش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەندەك قىلىپ كۆرسىتىلدى.

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇشى تېزلا بايقىلىپ قالدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گېزىتنىڭ قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى ئىسرائىلىيەنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئالدىنقى كۈنى (2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر) كەچتە غەززەنىڭ مەركىزىدىكى ئەھئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلغان قىرغىنچىلىقتا، 471 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر