گۇتېررېس ئوتتۇرا شەرقتە تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىنسانلار تارتىۋاتقان قورقۇنچلۇق ئازاب – ئوقۇبەتنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

2052882
گۇتېررېس ئوتتۇرا شەرقتە تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرقتە پۈتكۈل رايوننىڭ تەقدىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىنسانلار تارتىۋاتقان قورقۇنچلۇق ئازاب – ئوقۇبەتنى يىەڭگىللىتىش ئۈچۈن، تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىمەن.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر