بايدىن سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2052922
بايدىن سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى غەززەگە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» نى ئېچىشقا قوشۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ يەنە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 20 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر