ئىسرائىلىيە دۇختۇرخانا بومباردىمان قىلىپ يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىپ، يۈزلەرچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

2052359
ئىسرائىلىيە دۇختۇرخانا بومباردىمان قىلىپ يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 500 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەشرەف ئەلقۇدرە، ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، كۆپ سانلىقى بوۋاقلار، بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 500 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«بابتىست دوختۇرخانىسى قىرغىنچىلىقى مىسلىسىز ۋە تەسۋىرلىگۈسىز» دېگەن قۇدرە،  غەززەدىكى داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈگەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «داۋالاش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تولۇق تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا بىر قانچە سائەتلا ۋاقىت قالدى» دېدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بومباردىماندىن كېيىن، ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.

پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى بابتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» 7 – ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر