بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋۇدا پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2052448
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارايېۋۇدىكى پەلەستىن جەمئىيىتى، كۆپ ساندا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پۇقراسى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋۇنىڭ سىمۋولى بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن مىراس قالغان «باشچارشى» رەستىسىگە جايلاشقان بۇلاق بېشىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار بۇ يەردە پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى، پەلەستىننى قوللاپ شوئار توۋلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، سەيشەنبە (2023-يىلى 17-ئۆكتەبىر) كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئەلئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 500 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر