كانادا: پەلەستىنلىكلەرگە 40 مىليون 500 مىڭ دوللار ياردەم قىلىمىز

كانادا پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 40 مىليون 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2049429
كانادا: پەلەستىنلىكلەرگە 40 مىليون 500 مىڭ دوللار ياردەم قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا خەلقئارا تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەد ھۈسەيىننىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پەلەستىنلىك پۇقرالارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەخمىنەن 40 مىليون 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ ياردەملەرنىڭ ئوكسفام ۋە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ياردەملەرنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتى ياكى ھاماسنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەستىن، پەلەستىن پۇقرالىرىغا يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك خىزمەت قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر