ئابباس ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسرائىلىيەنىڭ بولۇپمۇ غەززە رايونىدىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

2048624
ئابباس ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە، مەھمۇد ئابباس غەززە رايونىدىكى پەلەستىن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە داۋالاش ياردىمى بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئابباس غەززە رايونىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن پەلەستىن خەلقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇ بۇ رايوندىكى جىددىيچىلىككە خاتىمە بېرىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتى تېررىتورىيەلىرىنى ئىشغال قىلىشنى توختىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان كىرىزىسنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەززە خەلقىگە دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم  بېرىش ئۈچۈن، داۋاملىشىۋاتقان جىددىيلىچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بارلىق خەلقئارالىق تەرەپلەرنىڭ ئالاقە ئورنىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپتىن يۈزلىگەن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر