ئىساج ھېرزوگ ھاماسنىڭ ئىراننىڭ بۇيرۇقى ۋە قوللىشى بىلەن ھۇجۇم  باشلىغانلىقىنى ئېيتتى

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ ھاماسنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ھۇجۇمنى ئىراننىڭ بۇيرۇقى ۋە قوللىشى بىلەن باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

2047711
ئىساج ھېرزوگ ھاماسنىڭ ئىراننىڭ بۇيرۇقى ۋە قوللىشى بىلەن ھۇجۇم  باشلىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ھېرزوگ ھاماسنىڭ ئىراندىكى قوماندانلىرىدىن بۇيرۇق ۋە ياردەم ئېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى «سەۋەبسىز قانلىق ھۇجۇم» قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھېرزوگ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان تەھدىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى يولغان قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىساج ھېرزوگ باياناتىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى «ھاماس ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى شۇنداقلا قوللىغۇچىسى ئىراننى شەرتسىز ئەيىبلەشكە» چاقىرىق قىلغان



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر