ئامېرىكادا 11 ياشلىق بىر بالا قورال بىلەن ئىككى بالىنى يارىلاندۇردى

ئامېرىكادا 11 ياشلىق بىر بالا ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ قورالى بىلەن 13 ياشلار ئەتراپىدىكى ئىككى بالىنى ئېتىپ يارىلاندۇردى.

2047154
ئامېرىكادا 11 ياشلىق بىر بالا قورال بىلەن ئىككى بالىنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، فلورىدا ئىشتاتىدا «ئامېرىكا پۇتبولى» مەشىقىدىن كېيىن، بالىلار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىققان. ئارقىدىن 11 ياشلىق بىر بالا ئانىسىنىڭ ئاپتوموبىلىدىن ئالغان قورال  بىلەن 13 ياشلار ئەتراپىدىكى ئىككى بالىغا ئوق چىقارغان.

ۋەقەدە ئىشلىتىلگەن قورالنىڭ گۇماندارنىڭ ئانىسىغا تەۋە قانۇنلۇق تىزىمغا ئېلىنغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئانىنىڭ قورالىنى بالىسى ئاسان تاپالايدىغان جايدا ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىنىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

فلورىدا سوتى 11 ياشلىق گۇماندارىى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئادۋوكاتى روبېرت ماندېل ئوق چىقىرىش سەۋەبىنىڭ باشقا بالىلارنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىش سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ساقچى تارماقلىرى گۇماندارنىڭ ھۇجۇمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلار تەرىپىدىن قوغلانغانلىقىنى ۋە ئۇلاردىن تاياق يېگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر