ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

ياپونىيەنىڭ شەرقىدىكى تورىشىما ئارىلىدا 6.6 بال يەر تەۋرىدى.

2046463
ياپونىيەدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەنىڭ شەرقىدىكى تورىشىما ئارىلىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11:00 دە يەردىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا  6.6 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تورىشىما ئارىلى جايلاشقان ئىزۇ تاقىم ئاراللىرىدا بىر مېتىر ئېگىزلىكتە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، پايتەخت توكيونىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىزۇ تاقىم ئاراللىرى مەمۇرىي جەھەتتىن توكيو شەھىرىگە قاراشلىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر