ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا «پەلەستىن مەسىلىسى» مۇزاكىرە قىلىندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە پەلەستىندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىلىق يىغىن چاقىرىلدى.

2046634
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا «پەلەستىن مەسىلىسى» مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىنغا قاتناشقان پەلەستىن دائىرىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىن بۇيانقى ئىشغالىيەت سىياسىتى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ شەكىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە دوكلات سۇندى.

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتىدا، بۇ يىل 248 كىشىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ژۇرنالىستلار ۋە ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ ساندا  تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىسرائىلىيە تەرەپ قاتناشمىغان يىغىندا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت تارىخىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

پەلەستىن قۇددۇس ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئەسەبىي يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر