ئىراقتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان 20 ئادەم ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلدى
ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە 26-سېنتەبىر كۈنى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان 20 كىشى داۋالىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.
2045503

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا سۇدانىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موسۇل شەھىرىدە 26-سېنتەبىر كۈنى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان 82 كىشىدىن 20 نەپىرى ھەربىي ئايروپىلان بىلەن داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلگەن.
26 – سېنتەبىر كۈنى ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىنىڭ ھەمدانىيە ناھىيەسىدىكى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 114 كىشى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.
ئوت ئاپىتىنىڭ توي زالىدا ئېتىلداق ئېتىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.