ناتو كوسوۋودىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىمنىڭ ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ كوسوۋودىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسمىغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەستىقلىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

2044325
ناتو كوسوۋودىكى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىمنىڭ ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ كوسوۋونىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ناتونىڭ قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ كوسوۋودىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كوسوۋو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ كوسوۋودىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «كوسوۋودا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بىخەتەر مۇھىت ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىمىز. بىز بۇ ئىشنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئالغان سالاھىيەتكە ئاساسەن بىتەرەپلىكنى ساقلىغان ئاساستا قىلىمىز» دېدى.

ستولتېنبېرگ كوسوۋودا جىددىيچىلىك كۈچىيىپ كەتكەن  5- ئايدىن بۇيان كوسوۋودىكى تىنچلىق ساقلىغۇچىلار قىسىملارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتكەنلىكلىرىنى تىلغا ئېلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ناتوغا ئۇ يەرگە قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىش سالاھيىتى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «قوماندانلىقىمىز كوسوۋو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېرەكلىك مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا، كوسوۋو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقىمۇ تەييارمىز» دېدى.

ستولتېنبېرگ كوسوۋودىكى تەرەپلەرنى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرىپ، بېلگراد ۋە پرىشتىنانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى قولايلىق يارىتپ بەرگەن سۆھبەت مۇساپىسىنى  داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كوسوۋونىڭ شىمالىدا ئۇدا بىر نەچچە ئايدىن بۇيان  داۋاملىشىۋاتقان جىددىيلىك، 24- سېنتەبىر ئەتىگەندە كۆپ سانلىق ئاھالىسى سېرىبلاردىن تەركىب تاپقان بانژسكا يولىنى توسۇۋالغان قوراللىق سېربلارنىڭ بىر ساقچىنى ئېتىۋېتىشىدىن كېيىن قايتىدىن ئەۋجىگە چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر