مۇسۇلدىكى ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان تۆت كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان تۆت كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

2043931
مۇسۇلدىكى ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان تۆت كىشى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «باش مىنىستىر مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ھەمەدانىيە ناھىيەسىدىكى قايغۇلۇق ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان تۆت كىشى قارىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەگە داۋالىنىشقا ئەۋەتىلدى» دېدى.

باياناتتا، يارىلانغانلارغا ئىككى دوختۇر، سېسترا ۋە دەسلەپكى قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان 10 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتىنىڭمۇ ھەمراھ بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئالدىنقى كۈنى، موسۇل شەھىرىنىڭ ھەمدانىيە ناھىيەسىدىكى بىر توي زالىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 93 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 100 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر