گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى
گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
2044176
![گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d77c/2b54/8b08/651664704411b.jpg?time=1719277650)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روتتېردام ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئېكس (X) سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، 32 ياشلىق بىر گۇماندارنىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئايالنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئېغىر يارىلانغان 14 ياشلىق قىزىنىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
روتتېردام ساقچى ئىدارىسى باياناتىدا، ئىككىنچى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئەراسمۇس ئۇنىۋېرستېتى دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ يەردە 43 ياشلىق بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ئوق ئۆتمەس جىلىتكە كىيىۋالغان گۇماندارنىڭ قورالى بىلەن تۇتۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇمنىڭ ئىنچىكلىك بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.