ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە سۆھبىتى بىريۇسسېلدا باشلىنىدۇ

ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە دائىرىلىرى 26-سېنتەبىر (2023) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ.

2041647
ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە سۆھبىتى بىريۇسسېلدا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان-ئەرمېنييە دائىرىلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئارمېن گرىگورياننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئەرمېنىيە «ئارمېن پرېس»  (Armenpress) نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش كاتىباتلىقىنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ھاجىيېۋ بىلەن گرىگورياننى بىر يەگە جەم قىلىدىغان ئۇچرىشىشقا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىدىكەن.

ئۇچرىشىشتا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ 5-ئۆكتەبىر (2023) ئىسپانىيەنىڭ گرانادا شەھىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان كۆرۈشۈشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان تەييارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىلھام ئەلىيېۋ، پاشىنيان ۋە مىشېل 14-ماي (2023) بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، 1-ئىيۇن (2023) مولدوۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا سىياسىي جەمئىيەتلەر يىغىنى رامكىسىدا، ماكرون ۋە شولزنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا بەش تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر