«ياۋروپا چېگرا لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەك»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ياۋروپانىڭ چېگرا لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2038173
«ياۋروپا چېگرا لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون سېمۇر ئېن ئاكسوس يېزىسىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن باياناتىدا، يېقىنقى كۈنلەردە ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر ئېقىنىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئىتالىيەنىڭ لامپېدۇسا ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ماكرون كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ بارلىق ياۋروپالىقلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋاللاردا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى، چۈنكى كۆچمەنلەرنىڭ خەتەرگە ئۆزلىرىنى ئېتىش ئارقىلىق ئاقدېڭىزدىن ياۋروپا زېمىنلىرىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىتالىيەنى قوللاشنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا چېگرا لىنىيەلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى كېرەك.»

ماكرون فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىننىڭ ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتتېئو پىئانتېدوسى بىلەن لامپېدۇسا ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى، يېقىندا بۇ ھەقتە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر