ماكرون لىۋىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان لىۋىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2036258
ماكرون لىۋىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىرانسىيەنىڭ كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان لىۋىيە بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى، كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، فىرانسىيەنىڭ لىۋىيەگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جىددىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئوتتۇرا ئاقدېڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن «دانىيال» ناملىق بوران – چاپقۇن لىۋىيەنىڭ بىنغازى، بەيزا، مەرج، سۇسە ۋە دەرنە شەھەرلىرىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى «ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە مەنبەلىرى» دەرنە شەھىرىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 3 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە تۈنۈگۈن 3 كۈنلۈك «ماتەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر